2022-12-20 18:34:31
مىھىرلىك ئائىلدە چوڭ بولغان پەرزەنت باشقىلارغا ئازار بېرشنى خالىمايدىغان مىھىر - مۇھەببەتلىك چوڭ بۇلىدۇ،
ئۇرۇش ماجىرا قۇرمايدىغان بىر ئائىلدە چوڭ بولغان پەرزەنت مىجەزى ئوسال ئۇرۇشقاق، كۆڭۇل ئاياشنى بىلمەيدىغان قوپال چوڭ بۇلىدۇ،
ھېلگەر ئىككى يۈزلىمىچى ئائىلدە چوڭ بولغان پەرزەنت يۈزسىز ،ئادىميىلىكى يوق، باشقىلارنىڭ قىلغىننى بىلمەيدىغان بىلشى يوق چوڭ بۇلىدۇ.
ئۆكتەم يولسز گەپ چۇشەنمەيدىغان ئۆزنىڭ گېپىنلا راست دەيدىغان ئائىلدە چوڭ بولغان پەرزەنت باشقىلارغا زۇلۇم قىلشنى نوچىلىق دەپ بىلدىغان ئۆزىدىن باشقا ھىچكمنىڭ گېپنى پىسەنتىگە ئالمايدىغان، ئۆزىدەك ئادەم يوقتەك ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان بىشەم چوڭ بۇلىدۇ.
قانداق يەردە سەبىر قىلشنى قانداق يەردە قانداق كىشىگە يول قويۇشنى بىلمەيدىغان ئائىلدە چوڭ بولغان پەرزەنت ئاق قارنى پەرق ئەتمەيدىغان چوڭ بۇلىدۇ.
گېپنىڭ باش- ئاخىرى يوق، تۇتامى يوق ھېلى دىگەن گېپى ھېلى يوق تۇتۇرىقىسز ئائىلدە چوڭ بۇلغان پەرزەنت مەيدانى يوق يۇملاق تاۋۇز چوڭ بۇلىدۇ، ئۆزىنى ھەم باشقىلارنى ھەم چارچىتىدۇ.
ھەر قانداق ئادەمدىن ياخشى گۇمان قىلدىغان ھەم ئىللىق مىھرىنى ھەر كىمگە بېرىشكە ھىرىس ئائىلدە چوڭ بولغان پەرزەنت ھەتتا تىنقلىرغىچە مۇھەببەت تۆكۇلۇپ تۇرىدۇ.
مەسئوليەت بار ئائىلدە چوڭ بولغان پەرزەنت مەڭگۇ باشقىلار ئالدىدا خار بولمايدۇ ھەم ئۆز تەۋەلىرىنى خار قىلمايدۇ.
ۋاپا ھەم ساداقەتلىك ئائىلدە چوڭ بولغان پەرزەنت ساختىلىقىنى، مەينەتلكىنى ھەرگىز دېتى كۆتۇرمەيدۇ ھەم قوبۇل قىلمايدۇ. چۇنكى چىنىلىق ئۇنىڭ قېنىدا بار.
شۇڭا ھەقىقى ئنساندەك بىر ئنساننىڭ بارلىققا كىلشى ئۈچۈن ئاتا ئانا بەكمۇ موھىم رول ئوينايدۇ.
ئىلىم بىر دۇنيا بولسا ئادىميلىك بىر دۇنيا.
يەنى قىيامەتتە بىر ئنساننڭ تارازىدا ئەڭ ئېغىر توختايدىغىنى باشقا ئەمەللەر ئەمەس دەل گۇزەل ئەخلاق بولغىنىدەك.
1.7K views15:34